Uyghur←Chinese主要词典
مىندون
دۇنيا تارىخى
曼桐
màn tóng
(1814 - 1878). بىرما يڭجيا سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1853 - 1878). تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - بىرما ئۇرۇشىدا ئەنگلىيىنىڭ بىرمىنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تىنچ مۇرەسسەلىشىش سىياسىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئەنگلاىيىنىڭ كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش خام خىيالىدا بولغان. تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە مىللىي ئىگىلىك ۋە دىنىي ئىشلارنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ بىر قاتار تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنى مەلۇم دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغان. 1871-يىلى يېڭى پايتەختى مەندېلېدە 5-نۆۋەتلىك بۇددا مۇرىتلىرى يىغىلىشىنى ئۆتكۈزۈپ، <بۇددا ھامىيىسى> دېگەن نامنى ئالغان.