Uyghur←Chinese主要词典
مېندېلېيېۋ
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
门捷列夫
mén jié liè fū
دۇنيا تارىخى
门捷列夫
mén jié liè fū
(1834 - 1907) روسىيىلىك خىمىك، پېداگوگ. 1855-يىلى پېتېربۇرگ مەركىزىي پىداگوگىكا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن. 1859 - 1861-يىللاردا گېرمانىيىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن پېتروبۇرگ سانائەت شۆيۈەنى ۋە پېتىربۇگ داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1869-يىلى تەبىئىي پەنلەرنىڭ تۈپ قانۇنى بولغان خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ دەۋر قانۇنىنى تاپقانلارنىڭ بىرى بولغان ھەمدە مۇشۇ ئاساستا تېخى تېپىلمىغان 12 خىل ئېلېمېنتنى ئالدىن مۆلچەرىگەن. 1869 - 1871-يىللاردا <خىمىيە قائىدىسى> دېگەن كىتابنى يېزىپ چىققان. ئانئورگانىك خىمىيىنى دەۋر قانۇنىي كۆز قارىشى بىلەن ھەممىدىن ئاۋۋال سىستېمىلىق بايان قىلغان. 1887-يىلى ئېرىتكۈچى بىلەن ئېرىگۈچى خىمىيىنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ دېگەن ئۇقۇمىغا ئساسەن، ئېرىتمىنىڭ گىداراتلىشىش نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېقىنقى زامان ئېرىتمە تەلىماتىنىقڭ پېشۋاسى بولۇپ قالغان. گاز ۋە سۇيۇق جىسىمنىڭ ھەجمى بىلەن تېمپېراتۇرا ۋە جىسىمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلپ، 1860-يىلى گازلارنىڭ كىرتىك تېمپېراتۇرىسىنى تاپقان. 1888-يىلى كۆمۈرنى يەر ئاستىدا گازلىتىش ۋە خىمىيىۋى ئۇسۇلدا نېفىت ئايرىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى 400 خىلدىن ئاشىدۇ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى <مېندېلېيېۋ ئەسەرلىرى> گە كىرگۈزگەن.