Uyghur←Chinese主要词典
مېنا
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
梅那
méi nà
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
默纳〈埃塞〉、印尼、巴基、美、独联体〉
mò nà 〈āi sāi 〉、yìn ní 、bā jī 、měi 、dú lián tǐ 〉
دۇنيا تارىخى
米那
mǐ nà
(1) مېنا. قەدىمكى مىسىردىكى بىرىنچى سۇلالىنىڭ تۇنجى فىرئەۋىنى (پادىشاھى). قەدىمكى مىسىرلىق تارىخشۇناس مانېتو بۇنى مېنېس دەپ ئاتىغان، قەدىمكى مىسىرلىق تارىخشۇناس ھېرودۇت بۇنى مىن دەپ ئاتىغان. ئۇ يۇقىرى مىسىردىكى ئابىدوسىدنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ مىلادىدىن 3100 يىل ئىلگىرى ئەتراپىدا تۆۋەنكى مىسىرنى بويسۇندۇرۇپ، دەسلەپكى قەدەمدە بىرلىككە كەلگەن مىسىر دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى سۇلالىگە ئاساس سالغان. ئۇ بەزىدە ئاق تاج (يۇقىرى مىسىر پادىشاھىنىڭ تاجىسى)، بەزىدە قىزىل تاج (تۆۋەن مىسىر پادىشاھىنىڭ تاجىسى)، بەزىدە يۇقىرى، تۆۋەن مىسىرنىڭ بىرلىككە كەلەەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىككىلا تاجنى تەڭ كېيىپ، <يۇقىرى - تۆۋەن مىسىرنىڭ پادىشاھى> دەپ ئاتالغان. يۇقىرى - تۆۋەن مىسىردا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاق خەزىنە، قىزىل خەزىنە دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى خەزىنە تەسىس قىلىپ، يىغىۋېلىنغان باج - سېلىقىنى بۆلۈپ ساقلىغان. ئۇ يەنە نىل دەرياسى دېلتسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا (ھازىرقى قاھىرە شەھىرى ئەتراپىدا) يېڭى پايتەخت - ئاق شەھەرنى (كېيىنكى مېمفىس) نى بەرپا قىلدۇرغان. لىۋىيىگە يۈرۈش قىلىپ، كۆپلەپ ئولجىغا ئىگە بولغان. ئۇ، ئالاھازەل 60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يېقىنقى زامان تارىخشۇناسلىرى <نېرمېر تاش پۈتۈكلىرى> (قاھىرە مۇزېيىدا ساقلانغان) دىكى ئىستېلاچى نېرمېرنى ئېھتىمال مىسىر دۆلىتىگە ئاساس سالغان شۇ پادىشاھ بولۇشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن. (2) <مىنا>.