Uyghur主要词典
مىلتىق بىلەن ئېتىلىدىغان گراناتا
جەڭ قوراللىرى
مىلتىق بىلەن ئېتىلىـدىـغـان سىنارەد گـرانـاتا دەپ ئاتىلىدۇ. مەخسۇس تانكىنى تېشىشكە ئىشلىتىلىـدىـغـان تـانـكـىـغـا قـارشـى گراناتا؛ دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇش، ئاكـوپلارنـى بـۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغـان تالاپەتلەندۈرۈش گــرانـاتاسى؛ يەنە يـورۇتـۇش، تـۈتەك قـويـۇپ بـېـرىـش قـاتـارلـىـق پـەۋقـۇلئاددە ۋەزىپىلەرگە ئىشلىتىلىدىغان ئالاھىدە تۈردىكى گراناتا قاتارلىقلار بار.
مىلتىقتا ئۆزىنىڭ كالىبىرىدىن خېلى يـوغـان ئوقـنـى ئېـتـىـش ئۈچۈن ئۇنىڭغا پەۋقۇلئاددە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلىـدۇ. ئادەتـتـە مـىـلـتـىـق ئېغىزىغا ئېتىش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، گراناتانىڭ قـۇيـرۇقى ئېتىش ئەسۋابـى ئىـچـىـگـە كـىـرگـۈزۈلـىـدۇ، ئانـدىـن پـەۋقـۇلئاددە ئىشلەنگەن كاۋاك ئوق (بېشى يوق ئوققا ئوخشاپ كېتىدىغان ئوق) مىلتىـق ئوقلۇقىغا بېسىپ كىرگۈزۈلىدۇ، ئېتىلغاندا كاۋاك ئوقتىن پەيدا بولغان پوروخ گازى ئوقنـى سىرتقا ئېتىپ چىقىرىدۇ.
گراناتانىڭ ئېغىرلىقى، كۆپىنچە7 .0 كىـلوگـرام ئۆپـچـۆرىـسـىـدە بولىدۇ، چوڭ - كىچىكلىكى گراناتتىن پەرقلەنمەيـدۇ، بـىـراق كـۈچـى گراناتنىڭكىدىن خېلى زور.500 گرام ئېغىرلىقتىكى گــرانـاتـنـى ئادەم كۈچى بىلەن40 −50 مېتىر يىراققا ئاتقىلى بولـىـدۇ،500 گـرام ئېغىرلىقتىكى تانكىغا قارشى گراناتانىڭ ئۈنۈملۈك ئېـتـىلىـش ئارىـلـىـقـى75 −100 مېتىرغا يېتىدۇ، تىك يۆنىلىشتە30 مىللىمېتىر قېلىنلـىـقـتـىـكـى برونېنى تېشىۋېتەلەيدۇ.50 مېتىرلىق ئېتىش دائىرىسىدە گراناتانىڭ دەل تېگىش دەرىجىسى گراناتتىن خېـلـى يـۇقـىـرى بـولـىـدۇ. بـەزى گراناتالارنى مىلتىق بىلەن ئېتىشقىمۇ، قول بىلەن ئېتىشقىمـۇ بـولـىـدۇ، ئۇلاردا گراناتا ۋە گراناتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھازىرلانغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。