Uyghur←Chinese主要词典
مىللېرانىزم
دۇنيا تارىخى
米勒兰主义
mǐ lè lán zhǔ yì
<كابىنېتچىلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل ئوڭچىل ئاغمىچىلىق پىكىر ئېقىمى. فرانسىيە سوتسىيالسىتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭقانات كاتتىباشلىرىدىن بىرى بولغان مىللېران سوتسىيالىستلارنى بۇرژۇئا كابىنېتىغا قاتنىشىشقا تەشەببۇس قىلغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. سوتسىيالىستلار سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھەر خىل ئورگانلاردا كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈرگەندىلا، <ئىقتىسادىي، سىياسىي جەھەتتىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئازاد> قىلغىلى بولىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلغان. سىنىپىيھەمكارلىقنى بازارغا سېلىپ ئومۇمىي سايلام تۈزۈمى ۋە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشى ئارقىلىق دۆلەت ھاكىمىيىتىنى تارتىۋېلىپ، سوتسىيالىزمغا <تىنچ ئۆسۈپ كىرىش> نى تەرغىپ قىلغان. 1899-يىلى مىللېران باش بولۇپ بۇرژۇئا كابىنېتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، سوتسىيالىستلاردىن بىرىئان، ۋىۋىئانى قاتارلىقلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن كابىنېتقا كىرگەن. ئۇلار بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىشچىلار كۈرىشىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان، سىرتقا قارىتا بۇردۇئازىيىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتىنى قوللىغان. شۇڭا لېنىن مىللېرانىزم - <ئەمەلىيەتتىكى بېرنىشتېينىزم> دېگەنىدى. بۇ ئېقىم ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونال ئىچىدىكى سولچىللارنىڭ قەتىئىي قارشىلىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن كائۇتىسكى قاتارلىقلارنىڭ قانات ئاستىغا ئېلىشى تۈپەيلىدىن تېگىشلىك تەنقىد قىلىنماي قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالغا قاتناشقان ھەرقايسى ئەللەر پارتىيىلىرىنىڭ ئاغمىچى كاتتىباشلىرىنىڭ بۇرژۇئا كەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىش ھەرىكىتىگە سەۋەب بولۇپ، تەرەققىي قىلىپ بىر خىل خەلقئارا ھادىسىگە ئايلانغان.