Uyghur←Chinese主要词典
مىللىي ئۇيۇشما
دۇنيا تارىخى
国民公会
guó mín gōng huì
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە قۇرۇلغان ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. ئۇيۇشما يىغىنى 1792-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى ئېچىلغان، جەمئىي 749 ئەزاسى بولۇپ، گروندىچىلار (ئوڭچىلار)، تۈزلەڭچىلەر (ئوتتۇرىدىكىلەر) ۋە تاغلىقلار (سولچىلار) دىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھقا بۆلۈنگەن. 1795-يىل 10-ئاينىڭ 26-كۈنى يېپىلغان. ئۈچ يىلدىن كۆپرەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ، ئۈچ مەزگىلنى باشتىن كەچۈرگەن. گروندىچىلارنىڭ مىللىي ئۇيۇشما مەزگىلى (1792-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 1793-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە)، پېتىئون ئۇيۇشما باشلىقى بولغان، برىسسو، كوندورىسې، ۋېزنىئو قاتارلىقلار كاتىپ بولغان. ئۇلار مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيىتىنى بىكار قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، كورۇلغا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان؛ لېكىن فېئوداللىق تۈزۈمنى ئۈزۈل - كېسىل بىكارق ىلالمىغان ھەم چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە ئۈنۈملۈك زەربە بەرمىگەن. ياكۇبىنچىلارنىڭ مىللىي ئۇيۇشما مەزگىلى (1793-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 1794-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە)، رەھبەرلىك ھوقۇقى روبېسپېر باشچىلىقىدىكى ياكۇبىنچىلارنىڭ قولىدا بولغان. ئۇلار <1793-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن>، <يەر پەرمانى>، <مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيۇرقى>، <گۇمانلىق ئۇنسۇرلار نىزامى>، <باھانى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش پەرمانى>، ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت پەرمانى<، >شامال ئاي پەرمانى< قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان. فېئوداللىق مۈلۈكچىلىكنى بىرقەدەر ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىپ، ئىچكى ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ ۋە چەت ئەلنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىقىلابنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان. تومۇز ئايچىلارنىڭ مىللىي ئۇيۇشما مەزگىلى (1794-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 1795-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە). تومۇز ئايچىلار مىللىي ئۇيۇشمىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، ياكۇبىنچىلارنىڭ دىكتاتۇرا ئورگانلىرى ۋە تېررورلۇق تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. 5179-يىل 8-ئاينىڭ 22-كۈنى، >جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈچىنچى يىللىرىدىكى ئاساسىي قانۇنى< (يەنى >1795-يىلدىكى ئاساسىي قانۇن<) نى ماقۇللاپ، سېنات بىلەن 500 كىشىلىك پالاتانى مىللىي ئۇيۇشمىنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن. 10-ئاينىڭ 26-كۈنى مىللىي ئۇيۇشما ئاياغلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.