Uyghur←Chinese主要词典
مىللىي ئەھدىنامە
دۇنيا تارىخى
国民公约
guó mín gōng yuē
<مىللىي قەسەم> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۈركىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەزگىلىدە (1919 - 1922) كامالچىلار ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي خىتابنامە. 1919-يىلى ئاناتولىيىدىكى ئەرزۇرۇم ۋە سىۋاستا چاقىرىلغان ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلتىيىدا، كامالچىلار تەشەببۇس قىلغان زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش، ئارىلىشىشقا، ئىگىلىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپلىرى تىكلەنگەن. 1920-يىلى 1-ئايدا ئىستانبۇلدا تۈركىيە پارلامېنتى چاقىرىلىپ، كامالچى پارلامېنت ئەزالىرى كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلغان پارلامېنت <مىللىي ئەھدىنامە> ماقۇللاپ، تۈركىيە مۇستەقىللىك خىتابنامىسى شەكلى بىلەن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پرىنسىپلارنى ئېتىراپ قىلىپ، مىللىي مۇستەقىللىكنى تەلەپ قىلىش، جاھانگىرلارنىڭ تۈركىيىنى بۆلۈشۈۋېلىشىغا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسىي تەشەببۇسنى تەكىتلىگەن. يەرلىك ئاھالىلەر ئىختىيارىي ھالدا ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلەش يولى ئارقىلىق ئەرەبلەر ئولتۇراقلاشقان رايون، غەربىي فراكىيە ۋە شەرقىي قىسىمدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن، ئىستانبۇل ۋە مەرمەر دېڭىزىنى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيە مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرگەنگە قەدەر ھەمدە چەت ئەلنىڭ تۈركىيىدىكى زېمىن سىرتى ھوقۇقىنى بىكار قىلغانغا قەدەر داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇ يىلى 10-ئايدا مىللىي پارلامېنت <مىللىي ئەھدىنامە> نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەسەم بەرگەن.