Uyghur←Chinese主要词典
مىڭلياڭ زور غەلىبىسى
دۇنيا تارىخى
鸣梁大捷
míng liáng dà jié
چاۋشيەن رېنچېن يىلىدىكى ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە لىسۇنسىن چاۋشيەن دېڭىز ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ ياپونىيە فلوتىنى مەغلۇپ قىلغان مۇھىم دېڭىز ئۇرۇشى. جېنداۋ زور غەلىبىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1597-يىلى (چاۋشيەن شۇەنزۇنىڭ 30-يىلى، ياپونىيە يوشىنا ناگاننىڭ 2-يىلى) 1-ئايدا ياپونىيىدىن توئېتومى خىدېيۇشى 140 مىڭ كىشىلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى، بىرنەچچە يۈز جەڭ كېمىسى ۋە بىرقانچە ئون مىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى توپلاپ، چاۋشيەننىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، يەنە بىر قېتىم چاۋشيەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۈچ ۋىلايەتتىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى يۈەن جۈن 7-ئاينىڭ 15-كۈنى چىچۇەن ئارىلى ۋە گۇچىڭدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ئۆلۈپ، پۈتۈن ئارمىيىسى دېگۈدەك يوقىتىلغان. لىسۇنسىن يېڭىۋاشتىن خىزمەتكە تەيىنلىنىپ ئۈچ ۋىلايەتتىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولۇپ، 12 ھەربىي ېكمە، 120 ئەسكەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ جېنداۋ ئارىلىدا تۇرغان. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ياپونىيە سياگۇنى فۇجىتاكاتاكاتورا 330 ھەربىي كېمىنى باشلاپ ھۇجۇم قىلغان. لىسۇنسىن دۈشمەننى مىڭلياڭ ئېغىزىغىچە (ۋۇتۇ بۇزى) ئالداپ ئاپىرىپ دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئۆرلەپ ۋە پەسىيىشىدىن پايدىلىنىپ دۈشمەننىڭ 30 نەچچە كېمىسىنى ۋەيران قىلىپ، 4000 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈرگەن ۋە يارىدار قىلغان، ئازچىلىق بىلەن كۆپچىلىكنى يېڭىپ، دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ سىللادونى تارتىۋېلىش پىلانىنى تارمار قىلغان.