Uyghur←Chinese主要词典
مىكۇ
دۇنيا تارىخى
米库
mǐ kù
(1945 - 1806) رۇمىنىيىلىك تىلشۇناس، تارىخشۇناس، ئاردېئال ئىلمىي تەرەپدارلىرىنىڭ يولباشچىسى. ۋالاخىيىلىكلەرنىڭ تەلەپنامىسىنى يېزىپ چىقىشقا قاتنىشىپ، مىللىي باراۋەرلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغان، رۇمىنىيە مىللىي ئاڭ - سېزىمىنىڭ ئويغىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە رۇمانلار لاتىن تىل سىستېمىسىدىكى مىللەتلەردىن كېلىپ چىققان دېگەن نەزەرىيىنى راۋاجلاندۇرغان. گېئورگې سىنكاي (1754 - 1816) بىلەن بىرلىكتە، <داكىيە - رومان ياكى ۋالاخىيە تىلى ئاساسلىرى> ناملىق ئەسەرنى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭ يەنە: <داكىيە - رومان مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە قىسقىچە تەرەققىيات تارىخى>، <رۇمىنىيىلىكلەر تارىخى>، <رۇمىنىيىلىكلەر تارىخى، ۋەقەلەر ۋە رەسمىي تارىخقا يېزىپ قالدۇرۇلمىغان ۋەقەلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.