Uyghur←Chinese主要词典
مىكرو قان ئايلىنىش
بىئولوگىيە
微循环
wēixúnhuán
مىكرو ئارتېرىيىلەر بىلەن مىكرو ۋېنا ئارىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان قان ئېقىمى يولى. يۈرەك - قان تومۇر سىستېمىسىدىكى قان سۇيۇقلۇقى بىلەن توقۇلما ھۈجەيرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىدىغان سورۇنى. نورمال ئەھۋالدا مىكرو قان ئايلىنىش قان ئېقىمى بىلەن توقۇلما ئورگانلىرىنىڭ مېتابولىزم سەۋىيىسى ئۆزئارا ماس كېلىدۇ. ھەرقايسى توقۇلما ئورگانلارنىڭ فۇنكسىيىسى ئوخشىمىغاچقا مىكرو ئايلىنىشنىڭ تەركىبىمۇ ئوخشاشمايدۇ. بەزىلىرى ئاددىي، بەزىلىرى مۇرەككەپ بولىدۇ. قان ئېقىمى ئۈچ يول ئارقىلىق كىچىك ئارتېرىيىلەردىن كىچىك ۋېنالارغا قاراپ ئاقىدۇ. (1) ھەقىقىي كاپىليار تومۇرلار تورى؛ قان سۇيۇقلۇقى مىكرو ئارتېرىيە، كېيىنكى مىكرو ئارتېرىيىلەردىن چىقىپ ھەقىقىي كاپىلليار تومۇرلار تورىدىن ئۆتكەندىن كېيىن مىكرو ۋېنا تومۇرىغا يىغىلىدۇ. ھەقىقىي كاپىلليار تومۇرلىرى بىر - بىرىگە تۇتىشىپ ھۈجەيرە ئارىلىق بوشلۇقلىرىغا كىرىشىپ تۇرىدۇ. ھەقىقىي كاپىلليار تومۇرلىرىدىكى قان ئېقىمى ئاستىراق بولۇپ قان سۇيۇقلۇقى بىلەن توقۇلما ھۈجەيرىلىرى ماددا ئالماشتۇرىدىغان قان تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قان ئېقىمى كاپىلليار تومۇرى ئالدىنقى پۈرمە مۇسكۇلىنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇپ، تىنچ ۋاقىتتا پەقەت 20 پىرسەنت ئەتراپىدىكى كاپىلليار تومۇرلىرىلا ئېچىلىدۇ. ھەرىكەتتىكى ۋاقتىدا ئېچىلغانلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ. پۈرمە مۇسكۇل قىسقارغاندا قان سۇيۇقلۇقى ئۆتمەيدۇ ياكى پەقەت ئاز مىقداردىكى قان پلازمىسىلا ئاستا - ئاستا ئېقىپ ئۆتىدۇ. (2) تۈز - تېز يول؛ قان سۇيۇقلۇقى مىكرو ئارتېرىيە، كېيىنكى مىكرو ئارتېرىيە كاپىلليار تومۇرلىرىدىن مىكرو ۋېنا تومۇرلىرىغا قايتىپ كېلىدۇ. بۇ بىر مىكرو ئارتېرىيە ۋېنالار بىۋاسىتە ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان <تۈز يول>. تۈز - تېز يولدىن دائىم قان ئۆتۈپ تۇرىدۇ. قان ئېقىمىنىڭ سۈرئىتى تېزرەك بولغاچقا ماددا ئالماشتۇرۇش فۇنكسىيىسى چەكلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى قان سۇيۇقلۇقىنى ھەقىقىي كاپىلليار تومۇرلىرىدا توختىتىپ قويماستىن مۇشۇ يول ئارقىلىق يۈرەككە تېزرەك قايتۇرۇشتىن ئىبارەت. (3) ئارتېرىيە - ۋېنالارنى تۇتاشتۇرغۇچى تارماق؛ قان سۇيۇقلۇقى مىكرو ئارتېرىيىدىن چىقىپ ئارتېرىيە - ۋېنا تۇتاشتۇرغۇچى تارمىقىدىن ئۆتۈپ مىكرو ۋېناغا بىۋاسىتە ئېقىپ قايتىپ كېلىدۇ. تۇتاشتۇرغۇچى تارمىقىنىڭ تومۇر دىۋارى قېلىن بولۇپ، سىلىق مۇسكۇل قىسقارسا تۇتاشتۇرغۇچى تارمىقى يېپىلىدۇ؛ كېڭەيتىلگەندە بولسا ئېچىلىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا تۇتاشتۇرغۇچى تارماق دائىم يېپىق ھالەتتە تۇرىدۇ. ئېچىلغاندا قان ئېقىمى تېز سۈرئەتلىك بولۇپ، ماددا ئالماشتۇرالمايدۇ، تېرىنىڭ مىكرو قان ئايلىنىشىدا تۇتاشتۇرغۇچى تارماق كۆپرەك بولۇپ، تاشقى دۇنيانىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىگەندە تۇتاشتۇرغۇچى تارماق ئېچىلىپ تېرىدىكى قان ئېقىش مىقدارى كۆپىيىپ تېرە تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىدۇ. تېرە تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشى بەدەن ئىسسىقلىقىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىلىق. شۇڭا تۇتاشتۇرغۇچى تارماق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش جەھەتتە رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.
ئاناتومىيە,تېببىي,تەنتەربىيە
微循环
wēi xún huán