Uyghur主要词典
مىكولوگىيە
بىئولوگىيە
زەمبۇرۇغلارنىڭ تاكسونومىيىسى، مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى، فىزىئولوگىيىسى، ئېكولوگىيسى، ئۆزگىرىشى ھەمدە ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. زەمبۇرۇغلار تەبىئەت دۇنياسىغا ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى زىچ. مەسىلەن، ئىنسانلار بەزى زەمبۇرۇغلارنى بىۋاستە ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، بەزىلىرىنى جاڭيۇ ئېچىتىش، ھاراق ئېچىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ، بەزىلىرى زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئانتى بىئوتىكلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىپ ئىنسانلار ئۈچۈن غايەت زور بايلىق يارىتىدۇ. بىراق يەنە بىر جەھەتتىن، كۆپلىگەن زەمبۇرۇغلار زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللىك مەنبە زەمبۇرۇغى بولماقتا، ئاز ساندىكى زەمبۇرۇغلار ھەتتا ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇپ زەمبۇرۇغ كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلماقتا. زەمبۇرۇغنى تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت، پايدىلىق زەمبۇرۇغلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زىيانلىق زەمبۇرۇغلارنى كونترول قىلىش، ئۆزگەرتىش ۋە يوقىتىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
بىئولوگىيە
بىئولوگىيىنىڭ زەمبۇرۇغلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىئولوگىيە
قۇۋلۇق - شۇملۇق، ھىيلە، نەيرەڭ.
سىزنىڭ مېنى ئالداپ، بەرگەن ۋەدىلىرىڭىز، تۆككەن ياشلىرىڭىز، بەس، بۇ ھىيلىلەر، بۇ مىكىرلەر سىزدىن باشقا كىمدىن تېپىلسۇن؟