Uyghur主要词典
مكماستېر
دۇنيا تارىخى
(1852 - 1932) ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس. 1872-يىلى نيۇ - يورك شەھەرلىك ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەن. 1877-يىلى پرىنسېتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى لېكتورى بولغان. كېيىن ئەنگلىيە تارىخشۇناس ماكۇلاي ۋە بېكىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان كېيىن تارىخنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن . 1883-يىلى پىنسلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامرىكاتارىخى پروفېسسورى بولغان. ئەنگلاىيىلىك تارىخشۇناس گرېئىننىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ. تارىخ يېزىشتا خەلقنىڭ تارىخىنى يېزىش كېرەك دەپ ھېسابلىغان. جەمئىيەت تارىخى بىلەن ئىقتىساد تارىخى تەتقىقاتىغا ئېتىبار بېرىپ، گېزىت - ژۇرنال ۋە ئەسلىھەقاتارلىق ماتېرىياللارنى يىغىش ۋە تەتقىق قىلىشقا كۆڭۈل بۆلگەن، خەلقنىڭ ئادەتتىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشقان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى ئەسىرى <ئامېرىكا خەلق تارىخى> نىڭ ئالدىنقى سەككىز تومى 1883 - 1913-يىللىرى نەشردىن چىققان. ئۇنىڭدا 1783-يىلدىكى ئامېرىكا مۇستەقىللىك ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىدىن تارتىپ شىمال بىلەن جەنۇب ئۇرۇشى پارتلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يۈز يىلغا يېقىن بولغان تارىخنى تەپسىلىي ئېنىق باينا قىلىپ بەرگەن. 1927-يىلى توققۇزىنچى تومى نەشر قىلىنغان، ئۇنىڭدا زۇڭتۇڭ لىنكولىننىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرە ئالاھىدە بايان قىلىنغان. بۇ ئەسىرى كۆپ قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئىنتايىن كەڭ تارقالغان. بىراق كىتابنىڭ ئۇسلۇبى بىر قەدەر ئاددىي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسەردە ئىرىقچىلىق، بىر تەرەپلىمە قاراش ساقلانغان. ئۇنىڭ يەنەە فرانكىلىن قاتارلىق مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە كۆپ خىل <ئامېرىكاتارىخى قوللانمىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.