Uyghur主要词典
مېيىت نامىزى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ۋاپات بولغۇچى ئۈچۈن ئاللاغا دۇئا - تىلاۋەت قىلىدىغان جامائەت نامىزى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مېيىت نامىزىغا ئاخۇنۇم رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ناماز باشلىنىشتىن ئىلگىرى جىنازىدىكى مېيىتنىڭ بېشى شىمالغا قىلىپ قويۇلىدۇ. ئاندىن ئاخۇنۇم مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ ھەمدە جامائەتنى باشلاپ تۆت قېتىم تەكبىر ئوقۇيدۇ. مېيىت نامىزىغا قاتناشقۇچىلار تەرەت ئالغان بولۇشى كېرەك. نامازدا قىبلىگە قاراپ سەپ بولۇپ ئۆرە تۇرىدۇ. رۇكۇ قىلىنمايدۇ، سەجدە قىلىنمايدۇ. مېيىت يەرلىككە قويۇلغاندا ئاخۇنۇم باشلىق جامائەت مېيىتنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىدۇ. مېيىت نامىزى مەسچىتتە، كەڭرى ئورۇندا ئوقۇلسىمۇ بولىدۇ.