Uyghur←Chinese主要词典
مېيېرخوف
دۇنيا تارىخى
迈尔霍夫
mài ěr huò fū
1884 - 1951( گېرمانيىلىك بىئو خىمىك. ئامېرىكىنىڭ فىلادېلفىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلىدە تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن، ياش ۋاقتىدا بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيە ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىش جەريانىدىكى گلۇكوگېن بىلەن لاكتات كىلاتاسىنىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشى ۋە ئىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن قەنت فېرمېنتى پارچىلىنىشنىڭ ئاساسىي جەريانى ۋە بىرمۇنچە فېرمېنتلارنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشەندۈرگەن. ئېنېرگىيىنىڭ باغلىنىشى ئىدىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىا قويغان ھمدە بىئولوگىيىلىك ئېنېرگىيىنىڭ يۆكتىلىشى بىلەن فوسفورنىڭ كىسلاتالىشىش رولى ئوتتۇرىسىدىكى زىچ بالغىنىشنى ئىسپاتلىغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتى يېقىنقى زامان بىئو خىمىيىسىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆrسەتكەن. 1922-يىلى نوبېل فىزىئولوگىيە ياكى سەھىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1921 - 1938-يىللىرى ئىلگىرى - كېيىن كىل ۋە ھېيدېلبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا پروفېسسور بولغان، ئارىلىقتا ۋېلھېلم پادىشاھلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىئولوەىيە تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن. 1938-يىلى ناتسىست دائىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، فرانسىيىگە قېچىپ كەتكەن. 1940-يىلى فىلادېلفىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.