Chinese→Uyghur主要词典
米尼赫
دۇنيا تارىخى
مىنىخ
(1683 - 1767) روسىيە مارشالى. ئەسلى گېرمانىيىلىك. 1721-يىلى روسىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، باش ئىنژېنېر بولغان، توسنا دەرياسى چۈشۈرگىسى بىلەن لادوژىسكىي قانىلى قۇرۇلۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. 1728-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيە، كارېلىيە، اىنلاندىيىنىڭ باش ۋالىيىسى بولغان. 1732-يىلىدىن باشلاپ، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسى بولغان. 1735 - 1739-يىللىرى روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلپ، قىرىم ۋە بىسارابىيىدە تۈركىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1740-يىلى چارپادىشاھ ئاننا ئىۋانونا ئۆلگەندىن كېيىن بىرون (1690 - 1772) نىڭ ئورنىغا دەسسەپ، ئوردىدا ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان. 1742-يىلى، ئىلىزابېتا - پېتروۋنا تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان.