Chinese→Uyghur主要词典
泌尿系统
ئادەم ئاناتومىيىسى
mì niào xì tǒng
سۈيدۈك ئاجىرىتىش سىستېمىسىDتېببىي
mì niào xì tǒng
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىDئۇنىۋېرسال
mì niào xì tǒng
سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى
بىئولوگىيە
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى
ھايۋانات ئورگانىزمى ھاياتلىق پائالىيەت جەريانىدا ئوزۇقلۇقلارنى ئوكسىدلاپ ۋە پارچىلاپ مېتابولىزمىنىڭ كېرەكسىز ماددىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى ئاساسەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە مايلار ئوكسىدلانغاندىن كېيىن ھاسىل قىلغان كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى ھەمدە ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۇرېيە، ئۇرىك كىسلاتا ۋە باشقا ئازوتلۇق كېرەكسىز ماددىلاردىن ئىبارەت. بۇ كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ھەممىسى ئورگانىزمغا زىيانلىق بولۇپ، چوقۇم بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلگەندىلا ئاندىن بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ. سۈيدۈك ئىشلىگۈچى سۈيدۈك توشۇغۇچى، سۈيدۈك ساقلىغۇچى ۋە سۈيدۈك چىقىرىۋەتكۈچى قاتارلىق ئورگانلار ئورتاق ھالدا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىنى تۈزىدۇ. <ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەمنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى بىر جۈپ بۆرەك (سۈيدۈك ئىشلەيدۇ)، بىر جۈپ سۈيدۈك توشۇش نەيچىسى (سۈيدۈك توشۇيدۇ)، بىر دوۋساق (دوۋسۇن، سۈيدۈك ساقلايدۇ) ۋە بىر سۈيدۈك يولى (سۈيدۈك چىقىرىۋېتىدۇ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك يولى ئۇزۇنراق بولۇپ، قوشۇمچە سپېرما (ئۇرۇق) توشۇش رولىنى ئوينايدۇ. ھەزىم قىلىش نەيچىسىدىن چىقىرىۋېتىلگەن گەندىنىڭ ئاساسىي تەركىبى پەقەت ھەزىم قىلىش نەيچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا يىغىلغان ئوزۇقلۇق قالدۇقلىرىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، مېتابولىزم جەريانىنىڭ مەھسۇلاتى ھېسابلانمايدۇ. شۇڭا گەندە چىقىرىشتىن ئىبارەت بۇنداق فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە ئاجرىتىپ چىقىرىش ھېسابلانمايدۇ. ئۇ پەقەت <قالدۇقنى چىقىرىۋېتىش> دەپ ئاتىلىدۇ.