Chinese→Uyghur主要词典
明治天皇
دۇنيا تارىخى
مېيجى تېننو
(1852 - 1912) ياپونىيە تېننوسى (1867 - 1912). ئىسمى موتسۇخىتو. تېننو تاكائاكىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1860-يىلى ۋەلىئەھد بولغان. 1867-يىلى 2-ئايدا تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلىدە، يېڭىلىققا كۆچۈش ھەرىكىتى يۈز بەگەن. مۇناخىيىلىك ھاكىمىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيى، 1868-يىلى 4-ئايدا <بەش ماددىلىق قەسەمنامە> ئېلان قىلغان، 10-ئايدا يىلنامىنى مېيجىغا ئۆزگەرتگەن. كېيىن بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان. 1882-يىلى <ھەربىيلەرگە خان يارلىقى> نى ئېلان قىلغان. 1889-يىلى <ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇنى> نى ئېلان قىلىپ، مۇتلەق مۇستەبىتلىك تېننو تۈزۈمىنى ئورناتقان؛ 1894-يىلى جۇڭگو -ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى ۋە 1904-يىلى ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىنى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسى (1895) نى تارتىۋالغان ۋە چاۋشيەننى ئومۇميۈزلۈك يۇتۇۋالغان (1910)، شۇ ئارقىلىق ياپونىيىدە كاپىتالىزمنى تېز تەرەققىي قىلدۇۇرپ، ئۇنى تەدرىجىي مىلتارىزملىق ۋە جاھانگىرلىك يولىغا باشلىغان.