Chinese→Uyghur主要词典
明祁蒂
دۇنيا تارىخى
مىنگېت
(1808 - 1886) ئىتالىيە باش ۋەزىرى (1863 - 1864، 1873 - 1876) بولۇنىيىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا روماگنادا ئاپتونومىيىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقارغان. پاپا پىئۇس Ⅸ ھۆكۈمىتىدە سانائەت ئىشلىرى ۋەزىرى بولغان. 1848-يىلى پېمونت قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە ئواىتسېر بولۇپ، ئاۋسترىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان. شۇ يىلى رىمغا قايتماي، پاپانىڭ ئىچكى كابېنت تەشكىل قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر مەزگىل سىياسىي ساھەدىن چېكىنىپ چىققان. 1859-يىلى كاۋۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن پېمونت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باش كاتىپى بولغان ھەمدە روماگنا ئىنقىلابىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇ رايون بىلەن پېمونتنىڭ بىرلىشىشىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان. كېيىن يەنە ئىتالىيە پادىشاھلىقى ھۆكۈمىتىدە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى (1860 - 1861) ۋە مالىيە ۋەزىرى (1862 - 1863) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. بىرىنچى قېتىم باش ۋەزىر بولغان مەزگىلىدە پايتەختنى فلورېنسىيىگە كۆچۈرۈپ غوۋغاغا سەۋەب بولغانلىقتىن ئىستېپا بەرگەن. باش ۋەزىر بولغاندا، ھەربىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دېڭىز ئارمىيىسى بەرپا قىلغان، مالىيەنى تەرتىپكە سالغان، لېكىن سول قاناتلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان. كېيىن ئىستېپا بەرگەن.