Chinese→Uyghur主要词典
米留可夫
دۇنيا تارىخى
مىليۇكوۋ
(1859 - 1943) روسىيىدىكى كادېتلار پارتىيىسىنىڭ كاتتىبېشى. تارىخشۇناس. موسكۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى. 1917-يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى (رۇس كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 18-كۈنى) دىكى دىپلوماتىك نوتا (<مىليۇكوۋ ئۇلتىماتومى>) دا ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتكە ۋەكالىتەن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە، جاھانگىرلىك ئۇرۇشىنى <ئاخىرقى غەلىبە> قىلغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغان. بۇ ئاممىنىڭ قاتتىق غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغاپ، پۈتكۈل روسىيىدە ئاپرېل ناميىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرى خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن لوندونغا قېچىپ كەتكەن. كېيىن پارىژدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇنىڭ <ⅧⅩ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى روسىيە مىللىي ئىگىلىكى ۋە ئىمپېراتور پېتر ئىسلاھاتى>، <روسىيە مەدەنىيەت تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات>، <روسىيە تارىخشۇناسلىق ئىدىيىسىنى ئاساسىي ئېقىم> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.