Chinese→Uyghur主要词典
米勒兰人阁事件
دۇنيا تارىخى
مىللېراننىڭ كابىنېتقا قاتنىشىش ۋەقەسى
خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتى تارىخىدىكى سوتسىيالىستلارنىڭ بۇردۇئا ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىشتىن ئىبارەت تۇنجى ئىش. 1899-يىلى يازدا، فرانسىيە ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى درېيفۇس ۋەقەسى تۈپەيلىدىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان، ھەرقايسى گۇرۇھ سىياسىئونلىرىنى كابىنېتقا قاتناشتۇرغۇچى دەپ ئۆزىنى ماختاپ كەلگەن يېڭى زۇڭلى ۋالدىك رۇسسۇ (1846 - 1904) سوتسىيالىست مىللېراننى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكىگە تەيىنلىگەن. مىللېران ئۆز پارتىيىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالماي، باشباشتاقلىق بىلەن قوبۇل قىلغان. بۇ ئىش خەلقئارا ئىشچىلار ھەرىكىتىدە چوڭ داۋالغۇش پەيدا قىلغان. ژورسىچىلار مىللېراننىڭ كابىنېتىغا قاتنىشىشىنى جۇمھۇرىيەتنى قۇتقۇزۇپ قالدى ھەمدە سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنىڭ باشلانغانلىقى، دەپ قارىغان؛ گېدچىلار بولسا بۇ ۋەقەنى ئەيىبلىگەن. 1900-يىلى پارىژدا چاقىرىلغان ئىككىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مۇشۇ ۋەقە توغرىسىدا كەسكىن تالاش - تارتىش ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە كائۇتىسكى ئوتتۇرىغا قويغان <لىڭتاسما قارار لايىھىسى> نى ماقۇللاپ، ئايرىم سوتسىيالىستلارنىڭ بۇرژۇئا ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىشى <تاكتىكىلىق مەسىلە> دەپ ھېسابلىغان. ژورسىچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن مىللېران ھۆكۈمەتتە داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتىگەن. لېنىن مىللېراننىڭ ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، <ئەمەلىيەتتىكى بېرنىشتېينچىلىقنىڭ ئەڭ ئوبدان نەمۇنىسى> دەپ كۆرسەتكەنىدى.