Chinese→Uyghur主要词典
米海尔八世
دۇنيا تارىخى
مىخائېل Ⅷ
(1234 - 1282) نىسېيە ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى (1260 - 1261)، ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى (1261 - 1282)، پالېئولوگ خاندانلىقىغا ئاساس سالغۇچى. 1258-يىلى ۋېزانتىيە ئىمپېراتورى يۇئان Ⅳ (تەخمىنەن 1250 - 1300) كە نائىب بولغان. 1260-يىلى ئۆزىنى ئىمپېراتور قىلىپ تىكلەپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھاكىمىيەت باشقۇرۇپ كەلگەن. ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان دەسلەپكى مەزگىلىدە، گرېكلارنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ ھەمدە گېنويەنىڭ ياردىمىدىن (گېنويىلىكلەرنى ئىمپېرىيە دائىرىسىدە سودا ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن قىلىش شەرتى بىلەن) پايدىلىنىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسى بىلەن داۋاملىق كۈرەش ئېلىپ بارغان. 1261-يىل 7-ئاينىڭ 25-كۈنى كونستانتىنوپولنى ئېلىپ، لاتىن ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇ يىلى يۇئان Ⅳ نى رەسمىي بىكار قىلغان.