Chinese→Uyghur主要词典
米达斯
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
mǐ dá sī
مىداس
دۇنيا تارىخى
مىداس
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى فراكىيە (كىچىك ئاسىيادا) نىڭ پادىشاھى. ئاچكۆز. ئۇ ھاراق تەڭرىسى دىئونسۇسنىڭ ئۇستازى سىلېنوس (يېرىم مەخلۇق خۇدا) نى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ھاراق خۇداسى ئۇنىڭغا ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ھېكىمىتىنى ئۆگىتىپ قويغانمىس. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ قولى تەگكەنلا نەرسىلەر شۇ زامان ئالتۇنغا ئايلانغانمىش، دەسلەپتە خۇشاللىقىدىن خۇدىنى بىلميە قالغانمىش، بىراق ئۇنىڭ قولى تەگكەن يېمەك - ئىچمەكلەرمۇ ئالتۇنغا ئايلىنىپ قالغاچقا ھايات كەچۈرۈشكە ئامالسىز قالغانمىش، نائىلاجلىقتىن يەنە بىر قېتىم خۇداغا ئىلتىجا قىلغانمىش. ھاراق خۇداسى ئۇنىڭغا تمولۇس تېغى ئەتراپىدىكى پاكتولۇس دەرياسىغا بېرىپ چۆمۈلۈپ پاكلىنىشقا بۇيرۇپتۇ، ئۇنىڭ ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇش ماھارىتى شۇنىڭ بىلەن يوقاپ، بۇ دەريادىكى قۇم ئالتۇنغا ئايلىنىپ كەتكەنمىش. كېيىن ئاپوللون بىلەن پان (پادىچىلار خۇداسى) نىڭ نەغمە - ناۋا مۇسابىقىگە ھۆكۈمچى بولغاندا، پاننى غەلىبە قىلدى دەپ ھۆكۈم قىلغانمىش؛ ئاپوللون ئۇنى جازالاپ، ئىككى قۇلىقىنى ئېشەك قۇلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغانمىش.