Uyghur←Chinese主要词典
مېھنەتكەش ئىشچىلار ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
劳动工人联盟
láo dòng gōng rén lián méng
مېھنەتكەشلەر ئىتتىپاقى ياكى نامرات ئىشچىلار ئىتتىپاقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. فىلىپپىن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلغان ئىلغار ئىشچىلار تەشكىلاتى. 1932-يىلى فىلىپپىن كومپارتىيىسى يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا ئۆتكەندىن كېيىن، سانتوس (1876 - 1944) باشچىلىقىدىكى ماركسىزمچىلار ئىكىنچى يىلى فىلىپپىن سوتسىيالىستلاr پارتىيىسىنى قۇرغان، ئىتتىپاق بۇ پارتىيىنىڭ كۈرەش قىلىشىدىكى تۈۋرۈكىگە ئايلانغان. ئىتتىپاق 1937-يىلنىڭ ئاخىر ۋە 1938-يىلنىڭ باشلىرى باڭبايا ئۆلكىسىنىڭ ئارايات رايونىدىكى تاش قازغۇچى ئىشچىلار بىلەن شېكەر ئىشلەپ چىقارغۇچى ئىشچىلارنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشىغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئۇنى تەشكىلىگەن. 1938-يىلنىڭ ئاخىر ئەزالىرى كۆپىيىپ 70 مىڭ كىشىگە يەتكەن ھەمدە مەلىكەتلىك دېھقانلار ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلىش كومىتېتى قۇرغان. شۇ يىلى 10-ئايدا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى كومپارتىيە بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، ئىتتىپاق كومپارتىيىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەلرىكىدىكى سول قانات ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.