—参考资料
مۇئەييەن پۇلنى ئىشلىتىۋېلىش جىنايىتى
领域: جىنايەت ۋە جازابۇ - دۆلەتنىڭ مالىيىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇلنى ئىشلىتىۋېلىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ئېغىر قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ مالىيىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە دۆلەتنىڭ مۇئەييەن پۇلنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى دۆلەتنىڭ مۇئەييەن پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىپ، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان ئېغىر قىلمىشنى سادىر قىلغان بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - مۇئەييەن پۇلنى قولدىن - قولغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغان، باشقۇرىدىغان خىزمەتچى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
273 - ماددا ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ئەشيانى ئىشلىتىۋېلىش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلاردىن بىۋاستە جاۋابكارلاغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي جىنايەت دېلولىرىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۆلچىمى ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى
(2001 - يىل 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)
ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش، نەپىقە بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئاھالىنى كۆچۈرۈشكە ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا ئاجرىتىلغان پۇل ۋە ئەشيانى ئىشلىتىۋېلىپ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە چېتىشلىق بولسا سۈرۈشتۈرۈلىدۇ:
1) 5000 يۈەندىن ئارتۇق مۇئەييەن پۇل ۋە ئەشيالارنى ئىشلىتىۋالغان بولسا؛
2) دۆلەت ۋە خەلق ئاممىسىنى 50 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛
3) يۇقىرىقى سومما ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئېغىر ئەھۋالغان چۈشۈرۈپ قويغان بولسا.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。