Uyghur主要词典
مەئىشەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تۇرمۇش، تىرىكچىلىك.
يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق تۇرمۇش ۋاستىسى:
يېتىلۇر بەس لەتىف ئەنۋائى نىئمە،ت
كېلىپ قىلسا بولۇر تۈرلۈك مەئشەت.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىرىكلىك، ئۆمۈر كۆرمەك، ياشاش؛ تىركچىلىك ئۈچۈن زۆرۈر بولغان نەرسىلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش يولى، ھايات ھالى، ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن جەريانى.
تۇرمۇش بىر جەڭ. ئويلاشمىغان تۇرمۇشنىڭ قەدىرى بولماس. تۇرمۇشنىڭ پۈتۈن مەنىسى بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ھارماي _ تالماي ئىزدىنىشتە ئىپادىلىنىدۇ. ھاياتتا ھەممىنىڭ ئۆلچىمى بار. ھايات قارىغۇنىڭمۇ كۆزىنى ئاچار. ھايات ھەممىنى ئۆگىتەر، ئۆگەنمىسەڭ تۈگىتەر. ئىللىقلىق بىلەن تولسۇن روزىغارىڭ، قوپاللىق بۇزمىغاي سەبرۇقارارىڭ. مەئىشەت مول بولسا، خاتىرجەملىك بولىدۇ. تىرىكچىلىكتە تۈز يول يوق. تىرىكچىلىكنىڭ بەرىكىتى خوتۇن بىلەن. ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما، شىرە چورۇقۇڭنى قۇرۇتما. جان باقماق _ پەرز. جېنىڭنى جان ئەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كۈندىلىك تىرىكچىلىك، ياشاش، تۇرمۇش كەچۈرۈش.
مەئىشىتم يامان ئەمەس، خۇداغا شۈكۈر ئامان - ئېسەن كېتىۋاتىمەن.
كەيپ - ساپا، ئەيش - ئىشرەت، ھۇزۇر - ھالاۋەت.
شائىر لۇتفى رېئال ھاياتقا بولغان مۇھەببەتنىڭ لەزىتىنى خىيالىي جەننەتنىڭ مەئىشىتىدىن يۇقىرى قويۇپ يازىدۇ.