Uyghur主要词典
مەخلۇق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يارىتىلغان نەرسە، مەۋجۇدات.
ئادەم، ئىنسان.
2. كى ئىنسافغە ئۆزنى قىلغىل رىزا،
كى مەخلۇقتىن كۆرمە ئەمرا قەزا.
ئا. نىزارى.
3. ياشى ئوتتۇرا، چىرايى قوخلۇق ئېردى،
ھەمە خاتۇنلار ئىچرە مەخلۇق ئېردى.
موللا پازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يارالغۇچى، يارىتلغان جانلىقلار؛ ياسالغان. مەسىلەن: ئالەم مەخلۇقدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئىنسان ۋە پۈتۈن جانىۋارلارنىڭ، تىرىك مەۋجۇداتلارنىڭ ئومۇمىي نامى.
زور مەخلۇق. ئىككى كۆزلۈك مەخلۇق.
بىزگە مەلۇم، ئادەم ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك مەخلۇق.
كۆچمە. بىر نەرسىگە ئوخشىمايدىغان، خۇنۈك ياكى ئەخلاقسىز، نىيىتى يامان ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ كۆڭلىگە ياقمىغان، ئۆچ كۆرىدىغان كىشىلەرنى كەمسىتىپ ئېيتىلىدۇ.
مەن مۇشۇ مەخلۇق بىلەن قانداقمۇ بىر قورساقتا يېتىپ، ئانامنىڭ ئاق سۈتىنى بىللە ئەمگەن بولغىيدىم.