Uyghur主要词典
مەۋقە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە باشقا ئىجتىمائىي گۇرۇھنىڭ تۇرمۇشتا تۇتقان ئورنى.
<تۇرغۇ> مەسىلىنى كۆزەتكەن ۋە ئۇ ھەقتە ھۆكۈم چىقارغاندا تۇرغان ئورۇن.
<پوزىتسىيە> ئىش - ھەرىكەتكە تۇتقان قاراش ۋە ھەرىكەت.
كۇلۇمبىيە گېزىتى <كۆزەتكۈچىلەر> ماقالە بېسىپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش توغرىسىدىكى مەيدانىنى مەدھىيلىگەن. جىددىي ئۆزگىرىش پەيتىدە ھەر كىم ئۆز مەۋقەسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلىشى لازىم. ھەر كىم ئۆز تۇرغۇسىدىن سۆزلەيدۇ. ھەر قانداق ئىشقا دۇچ كەلسەڭ، پوزىتسىيەڭ ئېنىق بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئادەم، بىرەر ئىجتىمائىي گۇرۇپپا، تەشكىلات، قاتلام قاتارلىقلارنىڭ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى، نوپۇز، دەرىجە.
ئۇلار خوجايىنلىق مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەقىل - پاراسىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ياخشىلاش يولىدا تېخنىكا ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى.
كىشىنىڭ بىرەر ئۆگىنىش، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەت، پائالىيەتلەردىكى پوزىتسىيىسى؛ مەيدان،ئىرادە.
مەۋقەسىدە چىڭ تۇرماق.
ئورۇن.
ھاۋا مەۋقە جەھەتتە ئوت (قۇياش) نىڭ تۆۋىنىدە، سۇنىڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، خاراكتېرى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ.