Uyghur主要词典
مەۋدۇدى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(مەۋلانە ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدى، 9031 - 1979) پاكىستان ئىسلامىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسىنى قۇرغان ئادەم، ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىچىسى. ھىندىستاندىكى دىككاننىڭ ئوراڭزەب دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن. كىچىكىدە دىنىي تەربىيە ئالدى. كېيىن ھەيدەرئاباد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، يېرىم يولدا ئوقۇشتىن قالدى. گېزىتتە تەھرىرلىك قىلغاندا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇردى. 1928 - يىلى <قۇرئان كەرىم تەپسىرى> ناملىق ژۇرنال چىقىرىپ، دىنىي تەشەببۇسنى تەشۋىق قىلدى. 1941 - يىلى لاھوردا ئىسلامىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇيۇشمىسى قۇردى. ھىندىستان بىلەن پاكىستان بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغاندىن كېيىن شەرىئەتنى ئاساس قىلىپ، ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن سىياسىي گەۋدە قۇرۇشنى تەرغىپ قىلدى. پاكىستاندا ئىسلامىيەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ داھىيىسى ۋە سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولدى. ھاياتىدا 120 پارچە كىتاب يازدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە <ئىسلام غازىتى>، <قۇرئان كەرىم تەپسىرى>، <ئىسلام ئىگىلىكى> قاتارلىقلار ئاساسىي ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ دىنىي نەزەرىيىسى جەنۇبىي ئاسىيا قۇرۇقلۇقىدا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە. ئىسلام ئەسلىيەتچىلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنتايىن مۇھىم بىلىدۇ.