Uyghur主要词典
مەتلۇب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەلەپ قىلىنىدىغان، ئارزۇ قىلىنغان نەرسە:
1. تەلبە زەلىلى سەير ئېتەر، كۆڭلىدە مەتلۇبى سەفەر،
يۈرسە جەھاندا دەربەدەر، مەنزىلىدۇر خوتەن ھۇنۇز.
زەلىلى.
2. سەجدە ئەيلەپ قاشلارىڭ ئۇترۇسىدىن ئالمان باشىم،
نى ئۈچۈندۇر مەتلۇب ئېرمىشدۇر ماڭا ھەددى ۋەسەد.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەلەپ قىلىنغان، كۈتۈلگەن، ئىستەلگەن، سورالغان، ئىزدەنگەن، ئارزۇ قىلىنغان نەرسە؛ كۆڭۈلدىكىدەك، تەلەپكە ئۇۇيغۇن. مەسىلەن: كېلىشىڭىز مەتلەب ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. تەلەپ قىلىنغان، خالىغان، ئىستىگەن نەرسە؛ مەقسەت، تەلەپ.
ھەرنېچۈك شەرت ۋە مەتلۇبلىرى بولسا، شۇل چاغدا ئوتتۇرىغا قويغايلا، ھازىرەنلىككە لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ، ئازراق سوۋغات ئەۋەتتىم.