Uyghur主要词典
مەستلىك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئامراقلىق، قىزىقىش، ھەۋەس.
بۇ بالىغا بەك مەستلىكىم كېلىۋاتىدۇ. * ئۇنى كۆرۈپ مەستلىكىم كېلىپ كەتتى، چىرايلىق قېرىپتۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («مەست» كە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
خۇدىنى يوقاتقان، مەست بولغان ھالەت.
مەستلىكتە قىلغان گەپنىڭ ئېتىبارى يوق (ماقال). * مېھماننىڭ مەستلىكى كەيپ، ساھىبخاننىڭ مەستلىكى ئەيىپ (ماقال).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كەيپلىك، بىھوشلۇق:
نەرگىسى جادۇيى دىلبەر بەس خۇمار ئالۇدەدۇر،
مەستلىكىدىن ئەندەكى مەجلىستە ھۇشيار ئولمىشەم.
زەلىلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەست بولغان ھالەت، مەستچىلىك.
مەستلىكتە قىلغان گەپ. مەستلىكتىن يېشىلمەك.
كۆچمە. ئامراقلىق؛ ھەۋەس، قىزىقىش.
بۇ بالىغا مەستلىكىم كېلىۋاتىدۇ.