Uyghur主要词典
مەشق ئەگرى سىزىقى
پسىخولوگىيە
بۇ « ئۆگىنىش ئەگرى سىزىقى » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مەشق ئەگرى سىزىقى بىر خىل ماھىرلىقنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدىكى مەشق سانى بىلەن مەشق نەتىجىسى ئارىسىدىكى مۇناسۋەتنى ئىپادىلەيدىغان دىئاگراممىدىن ئىبارەت. بۇ دىئاگرامما جىق تەكرارلاش ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن ھەرىكەت ئۈنۈمى، پائالىيەت سۈئىتى ۋە توغرىلىقىنىڭ ئۆزگىرىپ بېرىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. ھەر خىل ماھارەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدىكى بىر مۇنچە ئۇرتاق ئېغىشنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇنلاشتۇرۇپ چىقىش مۇمكىن:
(1) مەشق نەتىجىسىنىڭ تەدرىجىي يۈكسىلىشى: بۇ خىل ئېغىش سۈرئەتنىڭ تېزلىشى، توغرىلىقنىڭ يۈكسىلىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. سۈرئەتنىڭ تېزلىشى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە ئورۇنلانغان ئىش مىقدارىنىڭ ئازىيىشىنى كۆرسىتىدۇ. توغرىلىقنىڭ يۈكسىلىشى ئومۇمەن ھەر قېتىملىق مەشقتە يۈز بەرگەن خاتالىق سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئورتاق ئېغىشلارمۇ يەنە تۈرلۈك شەكىللەردە ئىپادىلىنىدۇ. ئۇمۇملاشتۇرغاندا ئۇمۇمەن ئۈچ خىل بولىدۇ: مەشقىنىڭ ئىلگىرلىشى باشتا تېز، كېيىن ئاستا بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا مەشقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ماھارەتتە ئىلگىرىلەش بىر قەدەر تېز بولىدۇ. كېيىن تەدرىجىي ئاستىلايدۇ، مانا بۇ ماھارەت تەرەققىياتى سۈرئىتىنىڭ تەدرىجىي ئاستىلايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ قىسمەن ئەھۋال ئاستىدا، مەشىقنىڭ ئىلگىرلىشى باشتا ئاستا بولۇپ كېيىن تىزلىشىدۇ؛ مەشىقنىڭ ئىلگىرلەش سۈرئىتىنىڭ بېشى بىلەن ئاخىرى بىر قەدەر ئوخشاش بولىدۇ. مۇنداق مەشىقنىڭ ئەگرى سىزىقى تۈز سىزىققا يېقىنلىشىدۇ.
(2) تۆپىلىك مەزگىلى ھادىسىسى. مەشىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە كۆپۈنچە ئىلگىرلەشنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش ھادىسىسى يەنى « تۆپىلىك مەزگىلى » يۈز بېرىدۇ. بۇ ھادىسە مەشق ئەگرى سىزىقىدا تەكشىلىكتىكى بىر تال يۈز سىزىققا يېقىنلىشىدۇ ( ئوخشاپ قالىدۇ ). « تۆپىلىك مەزگىلى » نىڭ يۈز بېرىشىدە ئىككى خىل سەۋەب بار: مەشق نەتىجىسى مۇئەييەن ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەندىن كېيىن، كونا قۇرۇلما بىلەن ئۇسۇلدا ئۆزگىرىش بولمىسا، مەشق نەتىجىسىنىڭ يۈكسىلىشى داۋاملىشماي قالىدۇ؛ مېخانىك ھالدا تەكرارلاۋېرىش مەشىققە بولغان قىزىقىشنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ، زېرىكىش يۈز بېرىدۇ، ياكى ھەددىدىن ئارتۇق مەشق قىلىش كىشىنى ھارغۇزىدۇ ۋە مېڭە پوستىلىقى تورمۇزلىنىپ قالىدۇ. مەشق قىلىش كىشىنى ھارغۇزىدۇ ۋە مېڭە پوستىلىقى تورمۇزلىنىپ قالىدۇ.
(3) مەشق نەتىجىسىدىكى كۆتۈرلۈپ چۈشۈنۈش ھادىسىسى. تۈرلۈك ماھارەتلەر شەكىللىنىش جەرياندا، نەتىجە تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىمەستىن، بىردەم ئۆرلەپ، بىردەم چۈشۈپ دولقۇنسىمان ئىلگىرىلەيدۇ.