领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرى«مەككە مەسچىتى»، «پەيغەمبەر مەسچىتى» مۇ دېيىلىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى تۇنقى چوڭ مەسچىت ھېسابلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دىكى سۈرىگە ئاساسەن، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، قوراللىق ئۇرۇشۇش ھارام قىلىنغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. مەسچىدىل ھەرام سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەككە شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مەسچىتنىڭ مەركىزىدىكى سەل جەنۇب تەرەپتە كەبە قەسىرى بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ناماز ئوقۇغان چاغدىكى قىبلىسى ۋە ھەج قىلىش مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىلى مەككىنى پەتھى قىلغاندا كەبە قەسىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۇتلارنى چېقىۋېتىپ، مەسچىت قىلدى. خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر (644 - يىلىدىن 656 - يىلىغىچە ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان) دەۋرىدە مەسچىت كېڭەيتىلدى، چۆرىسىگە تام سېلىندى. پېشايۋان قوشۇلدى. ئۇمەييە ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرلىرىدە داۋاملىق كېڭەيتىلدى ھەمدە يوللار ياسالدى. دەرۋازىلار ئالتۇن بىلەن زىننەتلەندى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە تېخىمۇ كۆركەملەشتۈرۈلدى. 1956 - يىلىدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى ھازىرقى كۆلىمىنى شەكىللەندۈردى. كەبىنىڭ ئەتراپى ئۈستى ئوچۇق مەيدان بولۇپ، كۆلىمى 10 مىڭ كۋادرات مېتردىن ئاشىدۇ. يەر يۈزىگە مەمەر تاش يېيىتىلغان. مەسچىتنىڭ چۆرىسىگە ئەگمە تورۇسلۇق كارىدور سېلىنغان، پۈتۈنلەي مەمەر تاشتىن تەييارلانغان تۈۋرۈكلەر بىلەن ئايرىۋېتىلگەن نامازخانىلارغا تولدۇرۇپ گىلەم سېلىنغان، قەسىر ئىككى قەۋەت بولۇپ، ئىككى يول ياسالغان. كەبە تەرەپتىكى تام يۇمۇلاق تاش تۈۋرۈكلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 892 تال تۈۋرۈك قويۇلغان. ھەر ئىككى تال تۈۋرۈك ئەگمە بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئوتتۇرىسىغا قۇببە ياسالغان. پۈتۈن مەسچىتتە بۇنداق قۇببە 500 دىن ئاشىدۇ. بۇرۇن مەسچىتنىڭ 25 دەرۋازىسى بار ئىدى. ھازىر 64 كە كۆپەيتىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىق دەرۋازا ئۈچ بولۇپ، بىرى پادىشاھ دەرۋازىسى، بىرى ئۇمرە دەرۋازىسى، يەنە بىرى سالام دەرۋازىسى دېيىلىدۇ. ئاساسلىق دەرۋازىلارنىڭ ئىككى تەرىپىگە 92 مېتر ئېگىزلىكتە، ھەر بىرىدە ئۈچ پەشتاقلىق ئۇچلۇق مۇنار سېلىنغان، سەفا تېغىنىڭ ئۈستىدىكىنى قوشقاندا پۈتۈن مەسچىتتە ئېگىز يەتتە مۇنار بار، ھەر بىر مۇنارنىڭ ئۇچىغا ئېگىزلىكى 5.6 مېتر كېلىدىغان، پولاتتىن ياسىلىپ ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھىلال ئاي ئورنىتىلغان. مەسچىتنىڭ چۆرىسىدىكى تامنىڭ ئېگىزلىكى 20 مېتر بولۇپ، 64 دەرۋازا بىلەن يەتتە مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ ھەمدە مەمەر تاشتىن ياسالغان كۆپ قەۋەتلىك پەلەمپىيى بار. كەبىنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇلۇڭىغا دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان، كۈمۈشتىن گىرۋەك ئورنىتىلغان قاراتاش (ھەجەرۇل ئەسۋەد) قويۇلغان؛ ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپىدە گۈمبەزلەرنىڭ پېشايۋان بولۇپ، تۆت تال تاش تۈۋرۈك بىلەن كۆتۈرۈلگەن. ئەتراپىدا چاسا شەكىللىك تۇچ زەنجىر بولۇپ، ئىچىگە تاش قويۇپ قويۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كەبىنى سېلىشقا قوماندانلىق قىلغان چېغىدا قالغان ئىزى ئىكەن. «قۇرئان كەرىم» دە «... ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار ...» دېيىلگەن (2 - سۈرىنىڭ 125 - ئايىتىدىن). كەبىنىڭ شەرقىدە ئىككى تاغ بولۇپ، بۇ تاغلار ھازىر مەسچىتى ھەرام دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ھەمدە بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا مەمەر تاش بىلەن 405 مېتىر كارىدور شەكىللىك يول سېلىنىپ، «سەيئىي قىلىش زالى» دەپ ئاتالغان ۋە ئاستىن - ئۈستۈن ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، سىرتقى ئېگىزلىكى 21 مېتىر، كەڭلىكى 20 مېتىر كېلىدۇ. بۇلاردىن باشقا، «زەمزەم بۇلىقى»، مۇنبەر كەبىنى چۆگىلەيدىغان ئايلانما يول قاتارلىقلار بار. مەسچىدىل ھەرامنىڭ ھازىرقى كۆلىمى 180 مىڭ كۋادرات مېتىرغا كېڭەيتىلدى. بىر ۋاقىتتا 500 مىڭ ئادەم سىغىپ ناماز ئوقۇيالايدۇ. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىدىغان مۇسۇلمان تەخمىنەن 170 مىڭ ئادەم ئىدى. 1978 - يىلىدىن كېيىن شۇ يەردىن ۋە چەت ئەللەردىن كېلىپ ھەج قىلىدىغانلار 2 مىليون ئادەمگە يەتتى.