Uyghur主要词典
مەرۇزە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەسىلە ئۈستىدە كۆپچىلىككە سۆزلەنگەن نۇتۇق.
«دوكلات» كەڭ قوللىنىلىدۇ.
«مەرۇزە» ئىستېمالدىن قالدى.
«ۋەز» سەلبىي مەنە ئېلىپ قالدى.
«خۇتبە» خاتىپ جۈمەدە ئوقۇيدىغان چۈشىنىكسىز ئەرەبچە سۆز.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۆلۈم باشلىقى ئېقىم مەسىلىسى ئۈستىدە دوكلات بەردى. ئابدۇكېرىم ئابباسوۋنىڭ 1949 - يىلى مايدا ئىلىدا ئىتتىپاق ئاكتىپلىرى يىغىنىدا بەرگەن «ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە بىزنىڭ ۋەزىپىلىرىمىز» دېگەن مەرۇزىسى ئۆز ۋاقتىدا چوڭ تەسىر قوزغىغان. تۈلكە ۋەز ئېيتسا، توخۇ ئوبدان ئويلانسۇن. جامەدە جۈمە نامىزىدىن كېيىن خاتىپ خۇتبە ئوقۇدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆرپە ياكى پايانداز ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان تار ھەم ئۇزۇن گىلەم.
مەرۇزە گىلەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
يېزت. دوكلات، لېكسىيە، نۇتۇق.
مەرۇزە ئوقۇماق.