Uyghur主要词典
مەرىپەتچىلىك
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
كىشىلىكچىلىك. 1 . ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى. 2 . ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرلىك بۇرژۇئا مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ بىرسى. بۇنىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار بولۇپ، بىرى، ئوتتۇرا ئەسىردىكى مىستېتىك (ئىلاھ) ئەدەبىياتىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنى ئبيېكت قىلغان دىندىن خالى مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، بۇرژۇئا مەدەنىيىتى ئىچىدىكى بىر خىل ئاساسىي روھ بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىنسان تەبىئىتى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەرىپەتنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش، مەرىپەتنى ياقلاش، ھىمايە قىلىش؛ مەرىپەتپەرۋەرلىك.
سەئىدىيلەر دەۋرىدە ئىلغار مەرىپەتچىلىك بىر قەدەر تەرەققىي قىلغانىكەن.
<ئەد> ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرلىك بۇرژۇئا مەدەنىيەت مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بولۇپ، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنى ئوبيېكتىپ قىلغان دىندىن خالىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى، بۇرژۇئا مەدەنىيىتى ئىچىدىكى بىر خىل ئاساسىي روھ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئىنسان تەبىئىتى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ.