Uyghur主要词典
مەرمەر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەرمەرتاش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر خىل رەڭدە ئۇچرايدىغان كرىستاللىق تاغ جىنسى، بىناكارلىقتا ۋە زىننەت بۇيۇملىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چىرايلىق مەرمەرگە پەرداز كەتمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
گىئولوگىيە
بىر خىل ئاينىغان جىنس. ھاك تاش، دولومىت قاتارلىقلار تېگىپ ئاينىش ياكى رايونلۇق ئاينىش تەسىرىدە قايتا كرىستاللىنىپ پەيدا بولىدۇ. ئاساسىي مىنېرال تەركىبى كالتسىت. تۇز كىسلاتاسىدا كۆپۈكلىنىدۇ. تەڭ دانلىق ياكى تەڭسىز دانلىق ئاينغىان كرىستاللىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولۇپ، دانچىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە ئاق ۋە باشقا رەڭدىكى ئارىلاشمىلار نەتىجىسىدە ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ. مەرمەرنى سىلىقلىغاندىن كېيىن بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. شۇڭا قۇرۇلۇش، ھەيكەلتاراشلىق ۋە زىننەتلەشتە ماتېرىيال قىلىنىدۇ.