Uyghur主要词典
مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى
بىئولوگىيە
ئادەم ۋە ھايۋان بەدىنىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەڭ مەركەزلەشكەن تۈزۈلۈشى. بۇ تۈزۈلۈش ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا مېڭە ۋە يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزى ئومۇرتقىسىز ھايۋانلاردا مەسىلەن، بوغۇم تەنلىك ھايۋانلار ۋە ھاشاراتلار قاتارلىقلاردا بولسا، ئاساسلىق قورساق نېرۋا زەنجىرىنى ۋە بىر قاتار نېرۋا تۈگۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، ھەر خىل فىزىئولوگىيىلىك خىزمەتلەرنى كونترول قىلىدىغان ۋە تەڭشەيدىغان نېرۋا مەركىزى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى، ئۇ مېڭە بىلەن يۇلۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.