Uyghur主要词典
مەركەز
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
مەركەز، ئوتتۇرىلىق؛ بازار، باش ئىشتاب؛ تۇرغۇچ، بېكەت؛ پايتەخت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
نەرسىلەرنىڭ ئەتراپىدىكى خالىغان بىر نۇقتا بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۆزئارا تەڭ بولغان ئوتتۇرا نۇقتىسى؛ قاپ ئوتتۇرىسى.
چەمبەر مەركىزى. شار مەركىزى. ئېغىرلىق مەركىزى. مەركەزدىن قاچما كۈچ، مەركەزگە ئىنتىلگۈچى كۈچ.
ئاھالە ياشايدىغان جاينىڭ مەمۇرىي بىنالار، سودا ۋە مۇئەسسەسەلەر ئورۇنلاشقان ئاساسىي قىسمى.
شەھەر مەركىزى. قىشلاق مەركىزى.
پايتەخت.
بۇلتۇر ئەتىيازدا مەركەزدە مەخسۇس ئورمانچىلىق يىغىنى ئېچىلدى.
مەملىكەت ياكى ئۆلكىنىڭ سانائەت، مەدەنىيەت ياكى باشقا بىرەر ساھەسىدە ئاساسىي ئورۇن تۇتقان شەھىرى، ئاھالە ياشايدىغان يىرىك جايى.
ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى.
دۆلەت ياكى پارتىيىنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى.
زالدا مەركەزنىڭ يەرلەرنى دېھقانلارغا كۆتۈرە بېرىش ھەققىدىكى ھۆججىتى ئاڭلىتىلدى.
بىرەر پائالىيەت ساھەسىدە ئاساسىي ئىش ئېلىپ بېرىلىدىغان جاي.
تەتقىقات مەركىزى. تەرجىمە مەركىزى. خەۋەرلىشىش مەركىزى.
ئىش ھەرىكەتنىڭ ئاساسىي ھالقىسى، تۈگۈنى.
خىزمەتنىڭ مەركىزى. مەسىلىنىڭ مەركىزى.
<فىزىئول>
نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئورگانىزمنىڭ بىرەر پائالىيىتىنى باشقۇرىدىغان مەلۇم گۇرۇپپىلىرى.
ھەرىكەت مەركىزى. مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋا