Uyghur主要词典
مەردانە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مەرد، باتۇر.
مەردلەرچە، باتۇرلارچە.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئەرلەرچە، باتۇرلارچە، ئەرلىك بىلەن، غەيرەت بىلەن؛ مەردانەدۇز - ئەرلەر كىيمىنى تىككۈچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھېچنېمىدىن ئايانمايدىغان، قورقۇنچسىز.
مەردنى مەيداندا كۆر. مەردنىڭ قولىغا لاچىن قونار. ئېگىلمەس كۆڭۈلنى مەردانە ئېگىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
سېخىي ۋە باتۇر.
نامەرد
سېخىمۇ ئەمەس، باتۇرمۇ ئەمەس.
مەردنى مەيداندا سىنا. مەرد يېڭىلسە، مەيداندا قالىدۇ. مەرداننىڭ قولىغا لاچىن قونار. باي بولۇپ ۋىجدانىڭنى يوقاتقۇچە، گاداي بولساڭمۇ مەردانە بول. نامەردكە سوزساڭ بوينۇڭنى، پۈچەك ياڭاققا تولدۇرىدۇ قوينۇڭنى. مەرد يوقلۇقنى بىلىندۈرمەس، تۇلپار ئاچلىقنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
يېزت رەۋ. مەردلەرچە، مەردلىك بىلەن، مەردلەرگە ئوخشاش.
مەردانە ئىلگىرىلىمەك.
سۈپ. مەردلەرگە، باتۇرلارغا خاس.
ساخاۋەت داد - پەرياد كۆتۈرمەي، مەردانە قىياپەتتە تىك تۇرۇپتۇ.
سۇلتان بىرغەزەپنىڭ مەردانە ئاۋازى گۈركىرەپ تۇرغان بوراننىڭ ئاۋازىغا قوشۇلۇپ كەتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
مەردلەرچە، قەھرىمانلارچە