Uyghur主要词典
مەقدەم
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قەدەم باسقان جاي، ۋاقىت:
قەدەم بېسىش، قەدەم تەشرىپ قىلىش، كېلىش:
قەدەم:
1. دەبىستانغە زىينەت بېرىپ مەقدەمى،
ئانىڭ ھۆسنىدىن قوزغالىپ ئالەمى.
ئا. نىزارى.
2. زىيافەت ئىشىدىن فەراغەت تاپىپ،
ۋەزىر مەقدەمىدىن شەرافەت تاپىپ.
ئا. نىزارى.
3. شۇ جائۇ ئادىلۇ ھەي - ھەي بەھادۇر.
مۇبارەك مەقدەمىدىن مۇلكى مەئمۇر.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرەر جايدىن قايتىش؛ قەدەم قويۇش؛ قەدەم بولغان جاي ۋە پەيت.