领域: ئىسلام ئاتالغۇلىرىسالجۇقىيلار ئىمپېرىيىسى بىلەن ۋىزانتىيە (شەرقىي رىم) ئىمپېرىيىسى كىچىك ئاسىيانى تالىشىپ قلىغان ئۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سالجۇقىيلار سۇلتانى ئالب ئارسىلان (1063 - يىلىدىن 1072 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) 1071 - يىلى ئەرمىنىيەنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قوشۇن باشلاپ، ئەرمىنىيەنىڭ شىمالىدىكى مەنزىكېرت (ھازىر تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە) كە كېلىپ، شەرقىي رىم قوشۇنىنى ئۈزۈل - كېسىل تارمار قىلىپ، شەرقىي رىم ئىمپېراتۇرى رومانوس دىئوگېنېس (1068 - يىلىدىن 1071 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) نى ئەسىرگە ئالدى. سالجۇقىيلار كىچىك ئاسىيادا مەڭگۈ پۇت تىرەپ تۇرىدىغان زېمىنگە ئىگە بولدى ھەمدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركىي چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ بۇ رايونغا كىرىشىگە يول ئاچتى.