Uyghur主要词典
مەنتىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆز، ئىپادە، نۇتۇق.
مەنتىق ئىلمى، لوگىكا.
ئەلشىر نەۋايىنىڭ مەنتىقۇتتەير ناملىق ئەسىرىنىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى:
چۇ مەنتىق كىتابىدا تەھرىردۇر،
نەۋايى كەلامىدا تەقرىردۇر.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
سۆزنى قائىدە ۋە ئۇسۇل بويىچ سۆزلەشكە ئۆگىتىدىغان بىلىم؛ سۆزلەنگەن سۆز، سۆزنىڭ جەلب قىلىش كۈچى؛ ئىلىم مەنتىق - مەنتىق ئىلمى، لوگىكا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئوبيېكتىپ شەيئىلەر تەرەققىياتى ياكى تەپەككۇرنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيىتى، يەنى گەپ - سۆز، پىكىر، ھەرىكەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئەقىلگە مۇۋپىقلىقى.
تۇرمۇش مەنتىقى.
بۇ پىكىر مەنتىققە سىغمايدۇ.
تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى.
- ئاكىسى گۇناھكار بولسا سىڭلىسىمۇ گۇناھكار بولىدۇ، دېگەن مەنتىقنى ئۆمرۈمدە مانا ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن!^
تەپەككۈر شەكلى ۋە تەپەككۈر قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن؛ لوگىكا.
داۋۇت ئەنتاكىي ئىلىم ۋە مەرىپەتلەرنى خىمىيە، ئاسترونومىيە، قانۇن، مەنتىق قاتارلىق بىر نەچچە قىسىم ۋە گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ئۇلارنىڭ چېگرىلىرىنى بەلگىلىگەن.