Chinese→Uyghur主要词典
孟买一九零八年总罢工
دۇنيا تارىخى
1908-يىلدىكى بومباي ئومومىي ئىش تاشلىشى
1908-يىلى 7-ئاينىڭ 23-92-كۈنلىرى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدىكى ئىشچىلار تىلاكنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا جازا ھۆكۈم قىلىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئومومىي ئىش تاشلىغان. ئىش تاشلاش ھەرقايسى كەسىپ ساھەلەرگىچە يۈز بىرىپ، زاۋۇتلار ئىشتىن توختىغان، ماگىزىنلار تاقىلىپ قالغان، قاتناش ئۈزۈلگەن. ئىش تاشلاشقا 100 مىڭدىن ئوشۇق ئىشچى قاتناشقان. پۈتۈن شەھەردە ئۇدا بىرنەچچە كۈن چوڭ كۆلەملىك نامايىش بولغان، نامايىشچىلار ھەربىي ۋە ساقچىلار بىلەن قانلىق كۈرەش قىلغان. 6 كۈن ئىچىدە نامايىشچىلاردىن تەخمىنەن 200 دىن ئوشۇق ئادەم ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ھىندىستان پرولېتارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىياسىي تۈس ئالغان ئومۇمىي ئىش تاشلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، لېنىن شۇقېتىمقى ئىش تاشلاشنى ھىندىستان پرولېتارىياتنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئاتىغان