Chinese→Uyghur主要词典
盟军最高帅总司令部
دۇنيا تارىخى
ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسى ئالىي باش قوماندانلىق شتابى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئىشغالىيەتچى قوشۇنىنىڭ ئالىي قوماندانلىق ئورگىنى، قىسقارتىپ ئىشغالىيەتچى قوشۇن باش شتابى دەپ ئاتالغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى بۇ قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇشنى قارار قىلغان ۋە ئەتىسى ماكارتۇنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. سىلىڭبۇ دەسلەپتە يوكوخامادا قۇرۇلۇپ، كېيىن توكيوغا يۆتكەلگەن. ياپونىيىنى ئىشغال قىلىشقا ئالاقىدار بارلىق سىياسەتلەر مۇشۇ ئورگاندىن چىقىرىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان. باش شتابتا كادىرلار، ئاخبارات، ئۇرۇش قىلىش، ئارقا سەپ قاتارلىق شتابلار ۋە خەلق ئىشلىرى، خەلق ئىچىدىكى ئاخبارات، ئىقتسادىي پەن، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ئىدارىلەر تەسىس قىلىنغان، يەنە يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت ۋە خەلقئارا تەپتىش ئىدارىسى قۇرۇلغان. 1952 - يىل 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى <سان - فرانسىسكو ياپونىيە سۈلھ شەرتنامىسى> كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان؛ بىر قىسىم ئىشلىرى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن.