Chinese→Uyghur主要词典
孟加拉分省法令
دۇنيا تارىخى
بېنگالنى ئۆلكىلەرگە ئايرىش پەرمانى
1905-يىلى ـ1-ئايدا ھىندىستاننىڭ باش ۋالىيىسى، ئەنگلىيىلىك كورزوننىڭ ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى بويىچە بېنگالنى ئىككى ئۆلكىگە ئايرىش توغرىسىدا چىقارغان پەرمانى. ئاساسىي مەزمۇنى: بېنگالنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى 15 ناھىيىنى شىمالىي بېنگال ۋە ئاسسام ئۆلكىسى< قىلىش، ئاھالىسى 31 مىليون بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار كۆپچىلىكنى ئىگىلەيتتى؛ غەربىي بېنگالدىكى ناھىيىلەر بىخار، ئورىزالارنى بىرلەشتۈرۈپ يەنىلا بېنگال ئۆلكىسى دەپ ئاتاش، ئاھالىسى تەخمىنەن 40 مىليوندىن كۆپرەك بولۇپ، ھىندى مۇرىتلىرى كۆپ ساننى ئىگىلەيتتى. ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ بېنگالنى مۇنداق بۆلۈشتىكى غەرىزى بېنگالنى >بۆلۈپ ئىدارە قىلىش" ئارقىلىق دىنىي ئۆچمەنلىك قوزغاپ، بېنگال مىللىي ھەرىكىتىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ قانۇن بېنگال خەلقىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىنى قوزغاپ، 1905-يىلىدىكى ئەنگلىيىگە قارشى كەڭ - كۆلەملىك كۈرەشنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان 1911-يىلى ئەنگلىيە - ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ قانۇننى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان.