Chinese→Uyghur主要词典
蒙得维的亚围城战
دۇنيا تارىخى
مونتېۋىدېئو شەھىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئۇرۇشى
چوڭ ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارگېنتىنالىق مۇستەبىت روساس قوشۇن ئەۋەتىپ، ئوراگۋاي پايتەختى مونېۋىدىئوغا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان ئۇرۇش. روساس ئوراگۋايدىكى قىزىل، ئاق پارتىيىلەرنىڭ تالىشىشىدىن پايدىلىنىپ، 1839-يىلى قوشۇن باشلاپ ئوراگۋايغا باستۇرۇپ كىرگەن ھەمدە 1843-يىلى قىزىل پارتىيىنىڭ كونتروللۇقىدىكى مونتېۋىدىئونى مۇھاسىرىگە ئالغان، مۇھاسىرە 9 يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان. 1851-يىلى برازىلىيە ئوراگۋاينىڭ قىزىل پارتىيىسى بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە ئارگېنتىنادىكى روساسقا قارشى گۇرۇھنىڭ سەردارى ئۇركۇئىزا (1801 - 1870) رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى يىلى كاسېروستا روساسنىڭ ئارگېنتىنا قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، مونتېۋىدېئونى مۇھاسىرىدىن قۇتۇلدۇرغان. ئەمما بارازىلىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئوراگۋاينىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر تالااي زېمىننى يۇتۇۋالغان. ئۇرۇش قىزىل، ئاق پارتىيىلەرنىڭ ھوقۇق تالىشىشىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن.