Chinese→Uyghur主要词典
朦
ئۇنىۋېرسال
méng
خىرە، تۇتۇق، غۇۋا
قاراڭغۇ
قاشاڭ، دۆت، ئەخمەق
چوڭ
ئالدىماق، قاقتى - سوقتى قىلماق
ياپماق، توسماق، يوشۇرماق
باسماق
تۇمانلىق، سۇ پارى كۆپ
خامۇش، ئۇيقا باسقان
بىئولوگىيە
گېرپېستا
ئېمىتكۈچىلەر سىنىپىنىڭ گۆشخورلار ئەترىتى، ئىپار مۈشۈك ئائىلىسىگە كىرىدۇ. شەكلى ئاغمىخانغا ئوخشاش، بېشى كىچىك، تۇمشۇقى ئۇچلۇق، بەدىنى ئۇزۇنچاق ھەم تۆت پۇتى كىچىك، قىسقا، بەدەن ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 - 50 سانتىمېتىر، قۇيرۇقى ئادەتتە بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىدىن ئاشىدۇ. چاڭگال تىرنىقى ئۇزۇن، ئىچىگە تارتىلالمايدۇ (قىسقىرالمايدۇ). چىش ئۇچى ئېگىز ھەم ئۆتكۈر بولۇپ، ئۇنىڭ گۆشخور ئالاھىدىلىكىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك. تروپىك بەلباغ تاغ ئورمانلىرىدا، چاتقاللىقلاردا، ئېرىق - ئۆستەڭ بويلىرىدا كامار كولاپ ياشايدۇ. ھەرىكىتى چاققان، ئوزۇقلىنىش تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، چاشقان، يىلان، كەسلەنچۈك، كىچىك قۇشلار، قۇش تۇخۇمى، قىسقۇچپاقا، بېلىق قاتارلىقلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. بولۇپمۇ چاشقانلار بىلەن يىلانلارنى تۇتۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يىلان زەھىرىگە قارىتا ئىممۇنىتېتقا ئىگە. جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلاردىن تېپىلىدۇ. مەملىكىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن يىلان گېرپېستىسى، قىسقۇچپاقا گېرپېستىسى ۋە قىزىل جاغلىق گېرپېستالاردىن ئىبارەت بولۇپ، شەرق ۋە جەنۇبتىكى ھەر قايسى ئۆلكىلەرگە تارقالغان. تېرىسىدىن جۇۋا تىكىشكە بولىدۇ. ئۇ زەھەرلىك يىلان ھەم چاشقانلارنى يېگەچكە ئىنسانلارغا پايدىلىق دەپ قارىلىپ بېقىلىدۇ. يۇڭىدىن چوتكا، يۇڭ قەلەم قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ.