Uyghur主要词典
مەنە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<تىل> سۆز ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن چۈشەنچە؛ ئۇقۇم.
سۆزنىڭ ئۇدۇل مەنىسى. سۆزنىڭ كۆچمە مەنىسى. مەنە ئىپادىلىگۈچى يېزىق.
ئىش - ھەرىكەت، جۈملە، خەت، ئەسەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ مەزمۇنى.
گەپنىڭ مەنىسى. خەتنىڭ مەنىسى. چوڭقۇر مەنە.
كۆچمە. قىممەت، ئەھمىيەت؛ ماھىيەت.
ئادىل ئاتا كەسپىگە چىن مەنىسى بىلەن ۋارىسلىق قىلغان ئاجايىپ ياخشى ئورمانچى ئىدى.