Uyghur主要词典
مەندۇب
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <مەشرۇ؛> (ھالال)، <ئادەمنى رازى قىلىدىغان> دېگەنلىك بولۇپ، ھالال ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىسلام دىنىدىكى بەش خىل ھەرىكەت قائىدىسىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكى فەقىھلەر بۇ قائىدىنى ئىنكار قىلىپ، مەجبۇرىيەت خاراكتېرلىك ھەرىكەت بىلەن چەكلەنگەن ۋە جازالىنىدىغان ھەرىكەتنى ئېتىراپ قىلىدۇ. نىكاھ تۈرلىرىنى پەرقلەندۈرۈشتە ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. <نىكاھى پاسىد> قا قاراڭ