Uyghur主要词典
مەملىكەتلىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى قانۇنى
领域: دۇنيا تارىخىئامېرىكىنىڭ يېڭى سىياسەت< مەزگىلىدىكى تۈپ قانۇنلىرىنىڭ بىرى. پارلامېنت ئەزاسى ۋاگنېر( 1877 - 1935) ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، يەنە >ۋاگنېر قانۇن لايىھى< دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1935-يىلى 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر قانۇنغائاساسەن ھۆكۈمەت مەملىكەلتىك ئىشچىلار مۇناسىۋىتى ئىدارىسى تەسىس قىلغان، ئۇنىڭ ئەزالىرى ئالتە كارخانا ئىگىلىرى ۋەكىلى ۋە ئالتە ئىشچىلار ۋەكىلىدىن تەركىپ تاپقان. قانۇن لايىھىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى:ياللىغۇچى ئىشچىلارنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشىغا ئارىلاشماسلىق، ئىشچىلار بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى، ھەر قانداق ئۇسۇل قوللىنىپ ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىنى چەكلىمەسلىكى لازىم. شېركەت ياكى ياللىغۇچى ماددىي ياردەم بەرگەن ئىشىچلار ئۇيۇشمىسى بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمانە بولمايدۇ. ياللىغۇچىلارنىڭ ئىشچىلارغا زاۋۇتنى تاقاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تاقابىل تۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، بۇ قانۇننى ئاساس قىلىپ ئەرز - شىكايەت قىلغان ۋە دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتكەن ئىشچىلارنى كەمسىتىشكە ياكى بوشىتىشقا بولمايدۇ، دېگەنلەردىن ئىبارەت 1947-يىلى مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 18-نۆۋەتلىك پارلامېنت تەرىپىدىن بىكار قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。