Uyghur←Chinese主要词典
مەملىكەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىش كومىتېتى
领域: دۇنيا تارىخى全国抵抗委员会
quán guó dǐ kàng wěi yuán huì
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانسىيىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشمە تەشكىلاتى. 1943-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە مەزھەپلەردىن تەركىب تاپقان ھەمدە دې گۈلل ئەۋەتكەن ۋان مۇرائىن رەئىسى بولغان. 1944-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتابنامە ئېلان قىلغان. ئاساسلىق مەزمۇنى: مىللەتنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش، خائىنلارنى جازالاش، مونوپول كارخانىلارنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈش ۋە ئىشچىلار كارخانا باشقۇرۇشقا قاتنىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق كۈچلەر كېيىن ئىچكى رايونلار قوشۇنىنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىپ، فرانسىيىنى ئازاد قىلىش جەريانىدا ناھايىتى زور رول ئوينىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。